سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئىدلىب سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىغا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىككى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1251413
![سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/be17/47ae/3b1a/5d4fd6a4bad70.jpg?time=1718969941)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى كۆزىتىش ئورگىنى ۋە پۇقراۋى قوغدىنىش مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئىدلىبتىكى سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى چېگرالىرىغا جايلاشقان خان شەيخۇن ناھىيەسىەە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بىر پۇقرا، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ مۇقا يېزىسىغا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بولسابىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 11 پۇقرا يارىلانغان.