رۇسىيە ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدە تۆت كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىغۇچىسى رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈن (8-ئاۋغۇست) كەچتە ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى تۇرالغۇلارغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1250451
رۇسىيە ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدە تۆت كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى تۈنۈگۈن كەچتە خان شەيخۇن ناھىيەسى، تېمانىيە بازىرى، ھابىت، سۇكەيك، كەفەرسەجنە، مېدايا ۋە ئەرمانايا يېزىلىرىغا، ھامانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى كەفەر زىتا، لاتامىنە ناھىيەلىرىگە ۋە لاتمىن يېزىسىغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى.

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش ئۆيى بىلەن پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىدىن ئېلىنغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانلىرىدا ئىدلىبنىڭ خان شەيخۇن ناھىيەسىدە ئۈچ كىشى، ھامانىڭ لاتمىن يېزىسىدا بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.

پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر