خىتاي: «ئامېرىكا سۆھبەتلىشىشنى خالىسا، سۆھبەتلىشىمىز. ئۇرۇشۇشنى خالىسا، ئۇرۇشىمىز»

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق يېڭى دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۇن ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئامېرىكا سۆھبەتلىشىشنى خالىسا سۆھبەتلىشىمىز. ئۇرۇشۇشنى خالىسا، ئۇرۇشىمىز» دېدى.

1247241
خىتاي: «ئامېرىكا سۆھبەتلىشىشنى خالىسا، سۆھبەتلىشىمىز. ئۇرۇشۇشنى خالىسا، ئۇرۇشىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق يېڭى دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۇن ب د ت مەركىزىي ئىشخانىسىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

خىتايىڭ ھەق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جاڭ جۇن خىتاينىڭ پوزىتسىيەنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكىغا سودا ئۇرۇشى مەسلىسىدە كۆرۈلگەن يىرىكچىلىككە قارىتا «توغرا يولدىن، توغرا ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىشى ئۈچۈن توغرا يولغا قايتىش» چاقىرىقىدا بولدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى يىلى مارت ئېيىدا باشلانغان ۋە قارىمۇ - قارشى قوشۇمچە تامۇژنا بېجى قويۇشلارغا سەھنە بولغان سودا ئۇرۇشى، ئاخىرىدا خىتاينىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىگىچە كېڭەيگەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە قىلىنىدىغان تامۇژنا بېجى ھەققىدە تىۋىتتېردىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «سودا مۇزاكىرىلىرى داۋاملىشىدۇ. بىر تەرەپتىن بۇلار داۋاملاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا 1سىنتەبىردىن ئېتىبارەن خىتايدىن دۆلىتىمىزگە كەلگەن 300 مىلياد دوللارلىق مەھسۇلاتقا ئازغىنە بىر قۇشۇمچە قىلىش بىلەن %10 لىك تامۇژنا بېجى قۇشىدۇ. بۇ قۇشۇمچە باج ئىلگىرىكى %25 لىك قوشۇمچە باج قويۇلغان 250 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. كەڭ دائىرىلىك بىر سودا كېلىشىمى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئىجابىي دىيالوگىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايمىز ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كەلگۈسىنى پارلاق بولىدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق يېڭى دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۇن شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يادرو كېلىشىملىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، مۇزاكىرىلەردە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشى ئۈچۈن شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ يېنىكلىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر