ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئەلقائىدەنىڭ رەھبىرى ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئوغلى ھەمزە بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلكىگە دائىر مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكلىنى ئىلگىرى سۈردى.
![ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/5115/ad35/7b42/5c793d3bc2d33.png?time=1719056170)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ «NBC» قانىلىغا بايانات بەرگەن ۋە ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىشىنى خالىمايدىغان 3 مەسئۇل، ھەمزە بىن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىگە تولۇق ئىشنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
مەسئۇللار ھەمزە بىن لادىننىڭ قەيەردە ۋە قانداق شەكىلدە ئۆلگەنلىكى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدا قولى بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارغا كىرمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
ئامېرىكىنىڭ «NBC» قانىلىغا بايانات بەرگەن ۋە ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىشىنى خالىمايدىغان يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلمۇ ھەمزە بىن لادىننىڭ ئۆلۈمىدە ئامېرىكىنىڭ قولى بارلىقىنى، بىراق تەپسىلاتىغا كىرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەققتىكى سوئالىغا ئاق ساراي دائىرلىرى جاۋاب قايتۇرغىلى ئۇنىمىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا «ئىنكاس يوق» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مارت ئېيىدا ھەمزە بىن لادىننىڭ تۇتۇلىشى ئۈچۈن 1 مىليون دوللار مۇكاپات ئېلان قىلغان ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمزە بىن لادىننى «ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىچىدە يۈكسەلگەن رەھبەر» دەپ تەرىپلىگەن بولۇپ، 2015 – يىلىدىن بۇيان قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەرغىپ قىلىش ئۈچۈن ۋىدېئو تارقىتىش ھەمدە 2011 – يىلى ئۆلتۈرۈلگەن دادىسى ئۇسامە بىن لادىننىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.
ھەمزە بىن لادىن ھەققىدە 2017 – يىلىدىن بۇيان «ئالاھىدە مۇئەييەنلەشكەن خەلقئارالىق تېررورچى» سۈپىتىدە ئىزدەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى.