تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىناسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 11 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1238740
تۈركىيە ئافغانىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
disisleri bakanligi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئەھمەد بەھىر ئەھمەدى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ھۇجۇمچىلاردىن بىرىنىڭ قەندىھار جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىناسىنىڭ دەرۋازىسىدا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىلنى پارتلاتقاندىن كېيىن باشقا ھۇجۇمچىلارنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى ئېيتتى.

بىرىنچى ھۇجۇمدىن كېيىن ئارقا – ئارقىدىن ئىككى پارتلاشنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەھمەدى، زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ھۇجۇم جەريانىدا 9 پۇقرا بىلەن 2 ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 3 ساقچى بىلەن 80 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەھمەدى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە بىنانىڭ يېنىدىكى قەندىھار تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىر قانچە ئاپتوموبىلىغىمۇ ئوت كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

يارىدارلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالدى.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە، ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، «مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، يېقىن – دوست ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋە قېرىنداش ئافغان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز.» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر