پومپىيو قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونغا ئالاقىدار كۆپلىگەن مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1234218
پومپىيو قاتار ئەمىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس، مايك پومپېيونىڭ پايتەخت ۋاشىنگتوندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «مىنىستىر پومپىيو قاتارنىڭ يېقىن ئورتاقلىق ۋە دوستلۇقى ئۈچۈن ئەمىرگە رەھمەت ئېيتتى. مىنىستىر بىلەن ئەمىر، رايوندىكى ئېغىر جىددىيچىلىك ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىراننىڭ مۇقىمسىزلاشتۇرغۇچى ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتچى يەنە، پومپىيو بىلەن شەيخ تەمىمنىڭ سۇدان، لىۋىيە ۋە ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاتار ئەمىرى ئالدىنقى كۈنى ئاقسارايدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، 5 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىغان، ئامېرىكا بىلەن قاتارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر