ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال - ياراغ سېتىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەيۋەنگە 2.2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى قورال - ياراغ سېتىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى.

1232549
ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال - ياراغ سېتىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىك ئىشلىرى ھەمكارلىق ئورگىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەنگە قورال - ياراغ سېتىپ بېرىش نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ماقۇللىغانلىقى ھەققىدە دۆلەت مەجلىسىگە مەلۇمات بەردى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەيۋەنگە 2.2 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى « « Abrams » ناملىق M1A2T » تىپلىق 108  دانە  تانكا، 250 دانە «Stinger» تۆۋەندىن ئۇچۇش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىپ بېرىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۆپ ساندا ئاپتوماتىك قورال – ياراغلار، ئوق – دورىلار، « Hercules » بىرونىۋىكلار، ئېغىر تىپلىق ئاپتوموبىل توشۇغۇچىلار ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر سېتىپ بېرىلىدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قورال – ياراغلار تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئويناش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايونلۇق تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئاساسىي بولغان ھەربىي تەڭپۇڭلۇققا قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن.

خىتاي ئۆزىگە ئائىت بىر ئۆلكە دەپ قارايدىغان تەيۋەننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئاساسلىق قورال – ياراغلار بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان بولۇشىغا قارىماي، تەيۋەنگە ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن قورال – ياراغلارنى سېتىپ بەرمەكتە ئىكەن.

تەيۋەن پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى  چاڭ تۇنخەن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ قورال - ياراغ سېتىۋېلىشنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھەربىي جەھەتتىن مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، قورال - ياراغ سېتىپ بېرىش ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 30 كۈنگىچە قايسى شەكىلدە بولسا بولسۇن ئېتىراز بىلدۈرمەسلىكى كېرەك ئىكەن. ئارىدىن 30 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەنگە تەكلىپ مەكتۇبىنى سۇنۇشى ئۈچۈن سېتىش سۆھبەتلىرى باشلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر