دونالد ترامپ قاتار بىلەن قويۇق ھەمكارلىقنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامىد ئالسانى ئۆزئارا ھەمكارلىقتىن سىگنال بەردى.

1232468
دونالد ترامپ قاتار بىلەن قويۇق ھەمكارلىقنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم دۈشەنبە كۈنى (8-ئىيۇل) باشلىغان ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچلىك زىياپەتتە دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشتى. 

دونالد ترامپ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، قاتارنىڭ ئامېرىكىغا سالغان مەبلەغلىرىنى ماختىدى. يېڭى سېلىنىدىغان مەبلەغلەرنىڭمۇ يولدا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

دونالد ترامپ قاتار ئەمىرى بىلەن ئاقسارايدىمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەممە ئىشنىڭ ئىنتايىن ئىجابىي بولىدىغانلىقىنى بىلىمەن. سىلەر ئىنتايىن قىممەت ئىتتىپاقدىشىمىزسىلەر. چوڭ بىر ھەربىي بازا ۋە ھەربىي ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە ياردەمچى بولدۇڭلار» دېدى.  

قاتار ئەمىرى شەيىخ تەمىممۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى تەكىتلەپ: «بۇ زىيارىتىم، شېرىك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئورتاقلاشقان غايىلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىمەكتە. بۈگۈن بۇ يەردە كۈچلۈك ئىقتىسادىي شېرىكلىكىمىزنى تەبرىكلىمەكتىمىز» دېدى.

شەيىخ تەمىم يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەپسۇسكى رايونىمىزدا بىزنىڭ بۇ قاراشلىرىمىزغا ئورتاق بولمايدىغانلار بار. بۈگۈنكى دۇنيادا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى بەلگىلىك شېرىكلەر بىلەن بولىدۇ. بىراق، بەزى بەلىگىلىك ئىتتىپاقداشلار ھەقىقەتەن دوست بولمايدۇ. لېكىن قاتار بىلەن ئامېرىكا شېرىك، ئىتتىپاقداش ۋە دوستتۇر.»

ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدا بۈگۈن ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئايرىم ۋە ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىشلاردا، ئۆزئارا سودا ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، رايون خاراكتېرلىق بىخەتەرلىك مەسلىلىرىنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر