تۈركىيە سۇداندىكى ئۆزگىرىشلەردىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
تۈركىيە سۇداندىكى مۇرەسسەلىشىش ھەرىكىتىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
1231197
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «سۇداندىكى ۋاقىتلىق ھەربىي كېڭەش بىلەن ئەركىنلىك ۋە ئىسلاھات كۈچلىرى ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەتنىڭ كېلىشىم بىلەن نەتىجىلىنىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. بۇ ھەرىكەتنىڭ سۇداندا مۇقىملىق ئورنىتىلىشى، ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىغا تىلەكداشمىز.»