خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىران توغرۇلۇق يىغىن ئېچىلىشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار ئاخىرقى دوكلات ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئېچىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1231304
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىران توغرۇلۇق يىغىن ئېچىلىشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋىيادنادىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى جاككې ۋولكوتنىڭ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىجرائىيە ھەيئىتى، ئورگاننىڭ ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار ئاخىرقى دوكلاتى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئېچىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان.

باش ئەلچى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئىران مەسىلىسىدە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىپ قىلمىغانلىقى، بۇ ھەقتە ھەرقانداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ۋاشىنگتوننىڭ «خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ھوقۇقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر