ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى لىۋىيەدە قولغا چۈشۈرۈلگەن قوراللار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، لىۋىيەدە يېقىنقى كۈنلەردە خەلىفە ھافتەر كۈچلىرىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنغان غىريان شەھىرىدە قولغا چۈشۈرۈلگەن ئامېرىكا قوراللىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

1229587
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى لىۋىيەدە قولغا چۈشۈرۈلگەن قوراللار بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ۋاشىنگتون دائىرىلىرىدىن لىۋىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان ئامېرىكا قوراللىرىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قوراللار بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، «ئەمىرلىكلەر، لىۋىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان قوراللارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ ۋە ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بارلىق تەرەپلەرنى سۈركىلىشنىڭ پەسكۇيغا چۈشۈرۈلۈشى ۋە ب د ت باشچىلىقىدا سىياسىي چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىغا ھەمدەم بولۇشقا چاقىردى.

لىۋىيەدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق كۈچلەر پايتەخت ترابلۇسنى قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۆتكەن ھەپتە ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە غىريان شەھىرىنى قولدىن بېرىپ قويغانىدى.

لىۋىيەدىكى خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى، غىريان شەھىرىدە خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ ئىسكىلاتلىرىدىن كۆپ مىقداردا ئامېرىكا قورالىرىنى قولغا چۈشۈرگەن ۋە ھافتەر كۈچلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئامېرىكا راكېتامىيوتلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى تارقاتقانىدى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى، ۋاشىنگتوننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ساتقان قوراللىرىنىڭ لىۋىيەدىكى خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ قولىدىن چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ۋەقەنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر