پۇتىن تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە بىلەن تەركىيە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىڭ خەلقئارانىڭ مۇقىملىقىغا نىسبەتەن مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1229580
پۇتىن تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن كىرىملېن سارىيىدا رۇسىيەدە ۋەزىپە باشلىغان 18 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مۇراسىمدا تۈركىيەنىڭ موسكوۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەھمەت سامسارمۇ پۇتىنغا ئىشەنچ مەكتۇبىنى سۇندى.

پۇتىن كۈتىۋىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، رۇسىيە تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

پۇتىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى شېرىكلىكنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن ئاپرىل ئېيىدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە تۈركىيە يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئاككۇيۇ يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىسى ۋە تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ قۇرۇلىشى قاتارلىق چوڭ، ھەم مۇھىم لايىھەلەر ئۇتۇغلۇق ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. نۇرغۇنلىغان ھەيران قالارلىق لايىھەلىرىمىز ۋە ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىمىز بار» دېدى.

رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ خەلقئارانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، «رۇسىيە بىلەن تۈركىيە سۇرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرۇش ۋە تىنچلىق باسقۇچىنى باشلىتىش ئۈچۈن ئازئارا ماسلاشقان ھالدا تىرىشماقتا. بۇ تىرىشچانلىقلار خەلقئارانىڭ مۇقىملىقىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر