«تاناپ»لايىھەسى تاماملاندى

«ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى»(تاناپ)دىن، ئەزەربەيجان تەبئىي گازى بۈگۈندىن ئېتىبارەن ياۋروپاغا يۆتكىلىشكە باشلىنىدۇ.

1227920
«تاناپ»لايىھەسى تاماملاندى

«تاناپ»لايىھەسى تاماملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي گاز كارىدورىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ھالقىسى بولغان «ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى»(تاناپ)دىن، ئەزەربەيجان تەبئىي گازى بۈگۈندىن ئېتىبارەن ياۋروپاغا يۆتكىلىشكە باشلىنىدۇ.

تاناپ ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئارداھاننىڭ پوسوف ناھىيەسىدىن تۈركىيەگە كىرىپ 20 ۋىلايەت، 67 ناھىيە ۋە 600 يېزىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئەدىرنەنىڭ ئىپسالا ناھىيەسىدىن ياۋروپاغا تۇتۇشىدىغان 1850 كىلومېتىرلىق تۇرۇببا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تاناپ ئىدارىسى،   ئەزەربەيجاننىڭ «شاھ دېڭىز-2»رايونىدىن چىقىدىغان تەبىئىي گازىنى تۈركىيە-گىرېتسىيە چېگراسىدىكى ترانس ئادرىياتىك تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى (تاپ)گە يۆتكەش خىزمىتىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ترانس ئادرىياتىك تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجان تەبىئىي گازى كېلەر يىلىدىن باشلاپ ياۋروپا بازىلىرىغا يۆتكىلىدۇ.

تۈركىيە-گىرېتسىيە چېگراسىدىكى ترانس ئادرىياتىك تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى (تاپ) بىلەن باغلانغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى (تاناپ) تۈركىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپادىكى ئەڭ ئۇزۇن تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنيەسى ھېسابلىنىدۇ.

تەخمىنەن 7 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى (تاناپ)دىن تۈركىيەگە 2018-يىلى 30-ئىيۇندىن باشلاپ گاز كېلىشكە باشلىغانىدى.


خەتكۈچ: #تاناپ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر