بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىدلىبقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە 21 يۈك ئاپتوموبىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلدى.
1228226
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 21 يۈك ئاپتوموبىلى خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىگە جايلاشقان «<جىلۋەگۆزۈ> چېگرا ئېغىزى» دىن ئۆتتى.
ئىگىلىنىشىچە، يۈك ئاپتوموبىللىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئىدلىب ۋە ئىدلىبنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.