ترامپ ياپونىيەدىكى يىغىندا سودا ۋە ئىران مەسىلىسى توغرۇلۇق كۆپرەك توختالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ياپونىيەدە چاقىرىلغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا سودا ۋە ئىران مەسىلىسى توغرۇلۇق كۆپرەك توختالدى

1226613
ترامپ ياپونىيەدىكى يىغىندا سودا ۋە ئىران مەسىلىسى توغرۇلۇق كۆپرەك توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە چاقىرىلغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۈنتەرتىپىدە، ئامېرىكانىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ۋە ئىران مەسىلىسى زور سالماقنى ئىگىلىدى.

دونالد ترامپ يىغىن دائىرىسىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم  كۆرۈشتى.

ئەڭ دەسلەپ شىنزو ئابې بىلەن كۆرۈشكەن دونالد ترامپ، ياپونىيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ترامپ يەنە ياپونىيەنىڭ ئامېرىكادىن سېتىۋالىدىغان قورال-ياراغ ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەر توغرۇلۇقمۇ مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى بىلەن كۆرۈشكەن ترامپنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى بار ئىدى.

ياپونىيەگە يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا ماللىرىغا يۈرگۈزگەن تاموژنا بېجى سىياسىتىدىن نارازى بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن دونالد ترامپ مۇنداق دېدى: «سودا مۇناسىۋەتلىرىمىز ئۈستىدە تەپسىلىي توختىلىمىز، بۇنىڭدىن ئىجابىي نەتىجە چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بەزى ساھەلەردە كېلىشىم ئىمزالايدىغانلىقلىرىنىمۇ ئېيتقان ترامپ: پات يېقىندا زور سوممىلىق سودا كېلىشىدىن ھەممىڭلارنى خەۋەردار قىلىمىز، دېدى.

دونالد ترامپ يەنە ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئىران مەسىلىسىنى ئىزچىل كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاقسارايمۇ ترامپ، شىنزو ئابې ۋە مودى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ كۆرۈشكەندە«ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى ئەركىن ۋە ئوچۇق رايون»قىلىش مەسىلسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ۋە بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا دېڭىز ئارمىيەسى ساھەسىدە كۈچلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى خەتەرلىك قىلمىشلىرى، لىۋىيە ۋە ساھېل رايونىدا مۇقىملىق بەرپا قىلىش ۋە ئۇكرائىنادا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى قوللاش قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر