ترامپ بىلەن پۇتىن ئوساكادا ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى

ئۇچرىشىشتا خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن «21 – ئەسىر قوراللىرىنىڭ كونتروللۇق مودېلى» غا ئالاقىدار مۇزاكىرە كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى.

1226920
ترامپ بىلەن پۇتىن ئوساكادا ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان گ 20 رەھبەرلەر يىغىنىدا ئايرىم كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى دونالد ترامپ قىلغان چاقچاق ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ترامپ پۇتىنغا چاقچاق قىلىپ، ئامېرىكا سايلاملىرىغا ئارىلاشماسلىقنى تاپىلىدى. 

ئاقسارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى رەھبەر ئامېرىكا رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە ئوتاق پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، ئىران، سۇرىيە، ۋېنېزۇئېلا ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. 

باياناتتا يەنە، ئىككى رەھبەرنىڭ ترامپ ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان «21ئەسىر قوراللىرىنىڭ كونتروللۇق مودېلى» غا دائىر مۇزاكىرەلەرنىڭ داۋاملىشىشى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر