پۇتىن رۇسىيەنىڭ «يېڭىلمەس قورال – ياراغ» لىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلىتىنىڭ «يېڭىلمەس» دەپ ئاتىغان قورال – ياراغلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئارمىيەنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1226730
پۇتىن رۇسىيەنىڭ «يېڭىلمەس قورال – ياراغ» لىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كىرېمىل سارىيىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ھەربىيلەر ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار قورال - ياراغلار بىلەن قوراللىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ دائىرىدە رۇسىيەنىڭ «يېڭىلمەس» قورال – ياراغلىرىنى ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئارمىيەنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئاۋازدىنمۇ تېز سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرى <كىنجال>، لازېر سىستېمىسى < Peresvet >، قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى < Sarmat >، ئىنسانسىز سۇ ئاستى پاراخوتى < Poseidon >، يادرو ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىشلەيدىغان چېگرا ھالقىغان  ئوتتۇرا مۇساپىلىق ۋە ئوتتۇرا-قىسقا مۇساپىلىق چارلىغۇچى باشقۇرىلىدىغان بومبا < Burevestnik > ۋە باشقا زامانىۋى ئىلغار قورال – ياراغلار ئالدىمىزدىكى يىللاردا ئارمىيەمىزنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلىدۇ.»

يۈز مىڭلارچە ئىشچى، ئىنژېنېر ۋە لايىھەلىگۈچىنىڭ ئەجرى سىڭگەن بۇ قورال – ياراغلارنىڭ، ئىشەنچىلىك ۋە تالانتلىق زاتلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلغان پۇتىن، يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ھەربىيلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ، بۇ قورال – ياراغلارنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئىشلىتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بۇلتۇر فېدېراتسىيە مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، «ئاۋانگارت» ۋە « Sarmat » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن يېڭى تىپتىكى قورال – ياراغلارنى «يېڭىلمەس قورال - ياراغلار» دەپ ئاتىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر