دونالد ترامپ ئىرانغا قىلىنماقچى بولغان ھۇجۇم ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىرانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى تەستىقلىغانلىقى ۋە ئازلا قالغاندا ھۇجۇمدىن ۋاز كەچكەنلىكىگە دائىر باياناتىغا قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ھۇجۇمغا ئاخىرىقى تەستىقنى بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1223046
دونالد ترامپ ئىرانغا قىلىنماقچى بولغان ھۇجۇم ھەققىدە توختالدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ «NBC» قانىلىغا قىلغان سۆزىدە، ھۇجۇمغا ئالاقىدار بارلىق تەييارلىقلارنىڭ تاماملانغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ ئاخىرىقى تەستىقنى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئاخىرىغا قەدەر يېشىل چىراق يېقىلغان ئىدى. چۈنكى ئىشلار ئۆزگىرىشمۇ مۇمكىن ئىدى» دېدى.

ترامپ بۇ ھۇجۇمدا قانچە كىشىنىڭ ئۆلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى سورىغانلىقىنى، «150 ئەتراپىدا» دېگەن جاۋاپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قارارىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋىتتېردىن ئېلان قىلغان ئىلگىرىكى باياناتىدا، پەيشەنبە كېچىسى ئىراننىڭ 3 يېرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى، بىراق 150 كىشىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىغا دائىر مەلۇماتنى ئالغاندىن كېيىن، ھۇجۇمغا 10 مىنۇت قالغاندا ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىران ئىنقىلاپ مۇھاپىزەتچىلىرى قىسىملىرى چارشەنبە كۈنى ئاممان دېڭىز قولتۇقى ساھىلىدىكى ھۈرمۈزگان ئۆلكىسىگە قاراشلىق كۇھمۇبارەك شەھىرى دېڭىز ساھىلىدا ئىران ھاۋا سەھەسىگە رۇخسەتسىز كىرگەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە «RQ-4 Global Hawk» تىپلىق ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلانىنى قۇرۇغلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلىتىپ ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئېيتقان ئەمما مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ خەلقئارا ھاۋا ساھەسىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر