رۇسىيە ئامېرىكاغا ئىرانغا يۈرگۈزىدىغان سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى دەڭسەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ ئامېرىكاغا ئىرانغا يۈرگۈزىدىغان سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى دەڭسەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى.

1222680
رۇسىيە ئامېرىكاغا ئىرانغا يۈرگۈزىدىغان سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى دەڭسەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئىرانغا يۈرگۈزىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئوبدان دەڭسەپ بېقىشقا چاقىردى.

سېرگېي رىيابكوۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «تۈنۈگۈن ئىرانغا قارشى ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىشىنى ماقۇللىغانلىقىنى، لېكىن تۇيۇقسىز ۋاز كەچكەنلىكى»توغرۇلۇق پەيدا بولغان قاراشلار ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى پارس قولتۇقىنىڭ ۋەزىيىتىنى قەستەن كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلىگەن رىيابكوۋ: رايوننى توقۇنۇش ئاسانلا يۈز بېرىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتىدۇ، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون بىز دەپ كېلىۋاتقان قاراشلارنىڭ تەتۈرىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمىزنى چۈشەنمىدى، دەپ قارايمەن، دېدى.

رىيابكوۋ ئىرانغا قوشنا جايلاردا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكاغا ئىرانغا قارىتا يۈرگۈزىدىغان سىياسەتلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئوبدان دەڭسەپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى تولىمۇ كەسىن پەيتتە تۇرماقتا، بۇ ھەقىقەتەن خەتەرلىكتۇر.»

ئامېرىكادا چىقىدىغان نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش قارارىدىن تۇيۇقسىز ۋاز كەچكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر