ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قىسىملىرى يەمەندىكى سوكوترا ئارىلىدىن چېكىنىپ چىقتى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر، يەمەننىڭ سوكوترا ئارىلىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.

1221230
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قىسىملىرى يەمەندىكى سوكوترا ئارىلىدىن چېكىنىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەر، يەمەننىڭ سوكوترا ئارىلىدىكى ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كېيىن، ئارالدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.

سوكوترا ۋالىيسى نىزار ماھرۇس بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تەۋە ھىزامى ئەمنى نامى بېرىلگەن بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلارنىڭ بۈگۈن ئارالدىكى ئەراھبىل پورتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، سوكوترا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇلارغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلارنىڭ بەرداشلىق بېرەلمەي ئارالدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

توقۇنۇشلاردا يارىلانغانلارنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان سوكوترا ۋالىيسى، ئارالنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى دېدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللاپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي ۋاقىتلىق كېڭىشىگە قاراشلىق بۆلگۈنچى قوراللىق كۈچلەر، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بېلىقچىلىق ئىشلىرى مىنىسىتىرى ۋە سوكوترا ۋالىيسىنىڭ ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلغانىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2018-يىلى مايدا يەمەن باش مىنىستىرى ئەھمەد بىن داغرى سوكوترا ئارىلىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا، ئارالغا ئەسكەر ئەۋەتكەنىدى.

سوكوترا ئارىلى ئادەن قولتۇقى بىلەن ئافرىقا تۇمشۇقى ئوتتۇرىسىدىكى ئەراھبىل ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدىغان 6 ئارال ئىچىدە ئەڭ چوڭى بولۇپ، ھىندى ئوكياندا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر