ترامپ: نە ئامېرىكىنىڭ، نە ئىراننىڭ كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقىنى يوق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نە دۆلىتىنىڭ، نە ئىراننىڭ قانداقتۇر بىرەر كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1218581
ترامپ: نە ئامېرىكىنىڭ، نە ئىراننىڭ كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقىنى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى ئازايتىلىشى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مۇقىملىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن تېھرانغا قىلغان زىيارىتى توغرۇلۇق توختالغاندا، شىنزو ئابېنىڭ ئىراننىڭ دىىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى ھامانېي بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەخسەن مەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بىرەر كېلىشىم تۈزۈشنى ئويلاشقا تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ، دەپ قارايمەن. دەرۋەقە، نە ئىراننىڭ، نە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قانداقتۇر بىرەر كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقىنىمۇ يوق.»

ئۇ، يۇقىرىدىكى باياناتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ، «<ئۇممان قولتۇقى> دا ياپونىيەگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىككى نېفىت پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى ئىران دەپ قارايمىز، چۈنكى بىز ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا، ھۇجۇمنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن قورال – ياراغلار ھەم ۋاسىتىلارغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىران ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دەرۋەقە، رايوندا بۇنداق مۇرەككەپ بىر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارالايدىغان  كۈچ ۋە بۇنداق قابىلىيەتكە ئىگە ئىراندىن باشقا ھېچقانداق بىر گۇرۇپپا يوق.» تەرىقىسىدىكى ۋىدېئولۇق بايناتىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلەشتى.

ياپونىيە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى ھىروشىگې سېكو، ياپونىيەگە قاراپ كېتىۋاتقان  ئىككى نېفىت پاراخوتىنىڭ «ھۈرمۈز بوغۇزى» دا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئىككى نېفىت پاراخوتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقىىنىدا ھامانېي بىلەن كۆرۈشۈۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر