51 ئادەمنى قەتل قىلغان تېررورچى گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىدىكى نۇر ۋە لىنۋۇد ئىسىملىك ئىككى جامەگە ھۇجۇم قىلىپ 51 ئادەمنى قەتل قىلغان تېررورچى گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1218474
51 ئادەمنى قەتل قىلغان تېررورچى گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى زېلاندىيەنىڭ چرىستچېرچ شەھىرىدىكى نۇر ۋە لىنۋۇد ئىسىملىك ئىككى جامەگە ھۇجۇم قىلىپ 51 ئادەمنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان تېررورچى برېنتون تاررانت،ئۆزىنىڭ  گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

سوتقا ئاكلەند شەھىرىدىكى پارېمورېنمو تۈرمىسىدىن ۋىدېئو ئارقىلىق قاتناشقان تاررانت، ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتلىرى ۋاستىسى ئارقىلىق 51 جىنايەت، 40 جىنايەتنى قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىشنى قەتئىي رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ياقلىدى.

تاررانت سادىر قىلغان تېررورلۇق قىلمىشىدا يارىدار بولغانلار ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىمۇ قاتناشقان سوتتا،ئالاقىدار ئورۇنلار تەييارلاپ چىققان دوكلاتلارنىڭ تېررورچىنىڭ ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئالىي سوت مەھكىمىسى سوتچىسى مۇنداق دېدى: «تاررانتنىڭ زىھنى سالامەتلىكى تولۇق تەكشۈرۈلدى، ئەيىبكار ئۆزىنى ئاقلاش، ئاۋۇكاتلىرىغا مەلۇمات بېرىش ۋە سوتقا جاۋاپ بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى بىمالال قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئەقلى-ھۇشى تامامەن جايىدا.»

تەپتىش ئىدارىسى ساقچى ئىدارىسى، يېڭى يېڭى زېلاندىيە خان جەمەتى قانۇن ئىشخانىسى ۋە چرىستچېرچ خان جەمەتى ئاۋۇكاتلار ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىكتە چىقارغان قارارى بويىچە، ئەيىبكارنىڭ 51 جىنايەتنى سادىر قىلىش، 40 جىنايەت سادىر  قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا يەنە تېررورلۇق قىلمىشى سادىر قىلىش بىلەنمۇ ئەيىبلىنىشىنى تەلەپ  قىلدى.

سوتچى ئەيىبكار تاررانتنى 2020-يىلى 4-مايدا قايتىدىن سوتلاشنى قارار قىلدى.

چرىستچېرچ شەھىرىدىكى نۇر ۋە لىنۋۇد ئىسىملىك جامەلەرگە 2019-يىلى 15-مارتتا تېررورچى برېنتون تاررانت ھۇجۇم قىلىپ 51 ئادەمنى قەتل قىلىپ 49 ئادەمنى يارىلاندۇرغانىدى. بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 3 تۈركىيە پۇقراسى يارىلانغان بولۇپ، ۋەقەدە ئېغىر يارىلانغان زەكەرىيا تۇيان دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلۇپ 48 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر