ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى ناتھان سالېس دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.
1217608
![ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى تۈركىيەگە كېلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7081/afb8/cebd/59533d89d1665.jpg?time=1719013925)
+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، سالېس تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ئەنقەرەدە تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىىدكەن. ئۇچرىشىشلاردا، چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلۇشى ۋە سوتقا تارتىلىشى، چېگرا بىخەتەرلىكى، تېررورچىلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى تارايتىش، پ ك ك، ئەلقائىدە ۋە دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.