خىتايدىكى شىددەتلىك ھۆل - يېغىن ۋە بوراندا 7 ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ جەنۇبىدا كۆرۈلگەن شىددەتلىك يامغۇر ۋە بوراندا 7 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1216342
خىتايدىكى شىددەتلىك ھۆل - يېغىن ۋە بوراندا 7 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەمەلدارلار، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ خېيۈەن شەھىرىدە ياغقان شىددەتلىك يامغۇر ۋە چىققان بوراندا 7 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 3 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يامغۇر پەيدا قىلغان سۇ ئاپىتىدە بىر ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئالاقىدار خادىملار، يامغۇر ۋە بوراننىڭ كەم دېگەندە 110 مىڭ ئادەمگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خېيۈەندىكى ناچار ھاۋا شارائىتىنىڭ مىڭ ئەتراپىدا ئۆي – ماكانغا زىيان يەتكۈزگەنلىكى، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئاپەت رايونىغا ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر