ۋىلادىمىر پۇتىن ئەردوغاننىڭ مەردانىلىقىنى مەدھىيەلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈركىيە – رۇسىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

1214974
ۋىلادىمىر پۇتىن ئەردوغاننىڭ مەردانىلىقىنى مەدھىيەلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن سىت پىتېرسبۇرگ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئۈستىدە توختالدى.

پۇتىن جەنۇبىي ئېقىم ۋە شىمالىي ئېقىم لايىھەلىرىنىڭ ئەكسىچە، تۈرك ئېقىمى لايىھەسىدە تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسدىكى غەلىبىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بىلەن تۈرك ئېقىمى لايىھەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سىياسىي ئىرادىسى شۇنداقلا مەردانىلىق بىلەن دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇشى سايىسىدا، لايىھەمىز ئىنتايىن تېز سۈرئەت بىلەن تاماملىنىش باشقۇچىغا يېتىپ كەلدى. ئالدىمىزدىكى ئايلاردا بۇ لايىھە ئىشقا كىرىشتۇرىلىدۇ. ياۋروپالىق دوستلىرىمىز خالىسا، ئەمدىلىكتە تەبىئىي گازىنى باشقا بىر لىنىيەدىن سېتىۋالالايدۇ»

پۇتىن ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قارار ماقۇللىيالمايدىغانلىقى تەرەپكە ئالاھىدە دىققەتنى تارتىپ، «بەزى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقلىرى چەكلىكتۇر. ئەمدىلىكتە بولسا، تۈرك ئېقىمى لايىھەسى بىلەن ياۋروپاغا تەبىئىي گاز يۆتكەش يوللىرى كۆپ خىللاشقان بولدى» دېدى. 

پۇتىن بۇلغارىيەدىن ئۆتۈشى پىلانلانغان جەنۇبىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ ياۋروپانىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «لايىھەنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى سەۋەبىدىن بۇلغارىيە 3 مىليارد دوللارلىق سېلىنما ۋە مىڭلىغان كىشىلىك خىزمەت ئىمكانىيىتىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ ھەممەيلەنگە نىسبەتەن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش ئىدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر