تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا بولغان ئامېرىكا پۇقرالىرى تاپشۇرۇپ ئېلىندى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيەدە نازارەتكە ئېلىنغان ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بولغان بەزى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1214494
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا بولغان ئامېرىكا پۇقرالىرى تاپشۇرۇپ ئېلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مېدىيالىرىغا بايانات بەرگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى نازارەتكە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقىنىڭ راستلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى سۈرىيەدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىگە «س د گ» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان پ ي گ/ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى قويرۇقچىلىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان مەزكۇر ئامېرىكىلىقلارنىڭ 1 قانچە ئايال ۋە 6 كىچىك بالىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكىنىڭ گېئورگى ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېسىتېتى ئاشقۇنلۇقلارنى كۆزىتىش لايىھەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 300 دىن ئارتۇق ئامېرىكا پۇقراسى، خۇسۇسەن دېگۈدەك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق دائېشنىڭ تەرەبدارلىقىنى قىلغان. 60 نەپەر ئامېرىكىلىق دائېش سىپىگە قېتىلىپ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن سۈرىيە ۋە ئىراققا بارغان.

بۇلاردىن 12 كىشى ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەن ۋە تېررورلۇقنى قوللاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، ئامېرىكاغا قايتۇرۇلغان ئاياللارنىڭمۇ سوتقا تارتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر