«ئىران مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى قەتئىي ئۆزگەرتمەيدۇ»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكا پۇشايمان قىلمىغۇچە مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ىبلدۈردى.

1212886
«ئىران مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى قەتئىي ئۆزگەرتمەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پۇشايمان قىلىپ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلمىغۇچە، ئىراننىڭ مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پايتەخت تېھراندا ئالىي مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان دوختۇرلار ۋە  ئوقۇۋاتقان مىدېتسىنا ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن رۇھانى، ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇرۇن ئىرانغا ھازىرقىدەك ئېمبارگو يۈرگۈزەلمىگەنلىكىنى تەن ئالغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن رۇھانى:ھازىرقى ۋەزىيەت بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ مۇرەككەپ، لېكىن بىز ھازىرقى شارائىتتا مەيدانىمىز ۋە پوزىتسىيەمىزنى قەتئىي ئۆزگەرتمەيمىز. ئەگەر قارشىلىق كۆرسىتىشتىن باشقا يولىمىز ۋە چارىمىز بولغان بولسا ئىدى مەن چوقۇم ئوچۇق ئاشكارە ئېلان قىلغان بولاتتىم، بىزنىڭ ھازىر مەيدانىمىزدا مۇستەھكەم تەۋرەنمەي تۇرۇشتىن باشقا يولىمىز يوق، دېدى.

رۇھانى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دۈشمەن تەرەپ بىز بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شەرتى بارلىقىنى، بىز بۇ شەرتنى ئورۇندىساق ئاندىن بىز بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى دەپ كېلىۋاتقانىدى، ھازىر بىز بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھېچقانداق شەرتى يوقلىقىنى دېمەكتە.»

ئامېرىكانىڭ ئۆزى بۇزۇپ تاشلىغان مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان رۇھانى: دۈشمەن پۇشايمان قىلىپ مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قايتىپ كەلمىگۈچە بىز مەيدانىمىز ۋە پوزىتسىيەمىزنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيمىز، دۈشمەن تەرەپ ئىككىلەنمەي ئۆزى تالىغان يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەن ئالسا، بىز مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرىمىز ۋە بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز،دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر