ترامپنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دونالد ترامپنىڭ ئىختىلاپلىق ئەنگلىيە زىيارىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ.

1212928
ترامپنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىختلاپلىق ئەنگلىيە زىيارىتى بۈگۈن باشلايدۇ.

ئەنگلىيە خانىشى 2-ئېلزابېتنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن ئەنگلىيەگە بارىدىغان ترامپنىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى 3 كۈن داۋاملىشىدۇ.

بۇكىھام سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىنىدىغان دونالد ترامپ شەرىپىگە سارايدا كەچلىك زىياپەت بېرىلىدۇ.

خانىش 2-ئېلزابېتتىن سىرت دونالد ترامپنىڭمۇ سۆز قىلىشى كۈتۈۋالىۋاتقان كەچلىك زىياپەتنى، پارلامېنتنىڭ ئاستى قانىتى بولغان ئاۋام پالاتاسى باشلىقى جون بېركوۋ، ئۆكتىچى پارتىيە باشلىقى جېرېمىي كوربېيىن بىلەن لىبېرال دېموكراتچىلار پارتىيەسى باشلىقى ۋىنس كېيبول قاتارلىق شەخسلەر بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

زىياپەتتىن ئىلگىرى بۇكىھام سارىيى ئالدىدا ترامپقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

خانىشنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن ئەنگلىيەنى زىيارەت قىلىدىغان دۆلەت پىرېزىدېنتلىرىغا بېرىلىدىغان ئەنگلىيە پارلامېنتىغا خىتاب قىلىش ئىمتىيازى، ئاۋام پالاتاسى باشلىقى بېركوۋنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ترامپقا بېرىلمەيدىغان بولدى.

دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ زىيارىتى ئەسناسىدا ئات ھارۋىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىمۇ بىخەتەرلىك تۈپەيلى دونالد ترامپ ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلمەيدۇ.

دونالد ترامپ يەنە باشقا دۆلەت باشلىقلىرىدەك بۇكىھام سارىيىدا قونالمايدۇ، ترامپنىڭ ئامېرىكانىڭ لوندون ئەلچىخانىسىدا قونىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ترامپ زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە باش ۋەزىر تېرېسا مېي بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەلىك كارخانىچىلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىدىغان ناشتىلىق بىلەن باشلايدىغان ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ترامپ بىلەن مېي قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

ئىككى رەھبەر پورتسموستا ئۆتكۈزۈلىدىغان «نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىش»ھادىسىسىنىڭ 75-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. بۇ مۇراسىمغا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرونمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.

ترامپنىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، لوندوندىكى مەشھۇر ترافالگار مەيدانىدا ترامپقا قارشى يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ترامپ زىيارىتىدە ئەنگلىيە تەخت ۋارىسى شاھزادە چارلېس ۋە رەپىقىسى كورنۋال دۇشەسى كامىللا بىلەنمۇ چاي زىياپىتىدە كۆرۈشىدۇ.

ترامپنىڭ رەسمىي زىيارەت پىروگراممىسى سىرتىدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان شەخسلەردىن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسون بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. ترامپ زىيارەتتىن ئىلگىرى ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تېرېسا مېيدىن كېيىن كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ لىدېر نامزاتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان جونسوننى قوللايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

ترامپنىڭ «دوستۇم»دەپ تەرىپىلىگەن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش پارتىيەسى باشلىقى ئاشقۇن مىللەتچى نىگېل فاراگا بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

دونالد ترامپ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى باشتىن ئاخىرى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر