ترامپ مېكسىكىغا تەھدىت سالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كۆچمەنلەرنىڭ مېكسىكىدىن ئامېرىكىغا قانۇنسىز ھالدا ئۆتۈشىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1206201
ترامپ مېكسىكىغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، مېكسىكىدىن ئامېرىكىغا قانۇنسىز ھالدا ئۆتەۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە مېكسىكىنىڭ  پوزىتسىيەسى توغرۇلۇق توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «مېكسىكا كۆچمەنلەرنىڭ  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىدىن قانۇنسىز ھالدا ئۆتۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىمۇ تەۋرەتمەيۋاتىدۇ، جۈملىدىن، قانۇنسىز كۆچمەنلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىياننىڭ جاۋابكارى خۇددى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدەك پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە مېكسىكا خاتا قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا پات يېقىندا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمەن.»

ئىگىلىنىشىچە، گىۋاتېمالا، ھوندۇراس ۋە ئەلسالۋادور قاتارلىق ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن «زوراۋانلىق ۋە يوقسۇللۇق» قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى سەپەرگە ئاتلانغان كۆچمەنلەر، مېكسىكا چېگراسىدىن داۋاملىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئۆتمەكتە ئىكەن.

كۆچمەنلەرگە قارشى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش بىلەن تەنقىد قىلىنىۋاتقان ترامپ بولسا، «قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىرى» گە قارشى  كۈرەش ئۈچۈن مېكسىكا بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىىكى چېگرا رايونلىرىغا سېپىل سوقۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر