مېي بىلەن ستولتېنبېرگ رۇسىيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، تىرېسا مېي بىلەن يېنس ستولتېنبېرگنىڭ پايتەخت لوندوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1201621
مېي بىلەن ستولتېنبېرگ رۇسىيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ «رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسى ۋە خىتاي مەنبەلىك تور خەۋپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان» خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، تىرېسا مېي بىلەن يېنس ستولتېنبېرگنىڭ پايتەخت لوندوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالدى بىلەن دېكابىر ئېيىدا لوندوندا چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدا سۆزلەشكەن ئىككى رەھبەر، 21 – ئەسىرنىڭ تەھدىتلىرىگە تەييار تۇرۇش ۋە ئىتتىپاقنىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشتى.

تىرېسا مېي بىلەن يېنس ستولتېنبېرگ، ئىتتىپاقداشلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى مۇداپىئە سەرپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋەدىلىرىنى ئورۇنداش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەشلەرگە يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ ھالەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تۆھپە قوشۇشنى كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ھەمپىكىر ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

باياناتتا يەنە، «(مېي بىلەن ستولتېنبېرگ) رۇسىيەنىڭ ۋە خىتاي مەنبەلىك تور خەۋپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان (نۆۋەتتە) ئىتتىپاق دۇچ كېلىۋاتقان بەزى خەۋپسىزلىك قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشتى. باش ۋەزىر، ناتونىڭ بۇ ساھەلەرگە مەركەزلىشىشىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئەنگلىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىسىنى ناتو بىلەن ئورتاقلىشىشىنى تەكلىپ قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇلاردىن سىرت مېي بىلەن ستولتېنبېرگنىڭ، ناتونىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراقتىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئويناۋاتقان رولىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر