ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە 120 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرققە 120 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1201127
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە 120 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئاق ساراي دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىغا ئىران تەرىپىدىن ھۇجۇم قىلىنغان ياكى ئىران يادرولۇق قورال ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى تېخمۇ قويۇقلاشقان تەقدىردە، رايونغا 120 مىڭ ئەسكەر يوللاش پىلانىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناخاننىڭ مەزكۇر پىلاننى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىگە پەيشەنبە كۈنى سۇنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئالاقىدار مەسئۇللار مەنبە كۆرسىتىلگەن خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا، بۇ پىلاننىڭ كۈنتەرتىپكتە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، لېكىن ئىراننى ئىشغال قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى تەكىتلەندى. 

نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن مەنبەلەرنىڭ بۇنداق بىرەر ھەرىكەت ئۈچۈن كۆپ ساندا ئەسكەر كېتىدىغانلىقىنى، بىراق پىلان دائىرىسىدە مۆلچەرلەنگەن ساننىڭمۇ 2003 - يىلىدا گېئورگې دابلىيو بۇش دەۋرىدىكى ئىراق ئىشغالىيىتى مەزگىلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ سانىغا يېقىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. 

ئاق سارايدا مۇزاكىرە قىلىنغان بۇ پىلاننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك كەسكىنلەشكەن بىر مەزگىلدە كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى دىققەت تارتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر