بۇركىنا فاسودا چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

بۇركىنا فاسودا بىر كاتولىك چېركاۋىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1200322
بۇركىنا فاسودا چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇركىنا فاسونىڭ سانماتېنگا ئۆلكىسىدىكى دابلو رايونىدا قوراللىق كىشىلەرنىڭ كاتولىكلارغا ئائىت بىر چېركاۋغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى سوئۇم ئۆلكىسىگە قاراشلىق سىلگادى رايونىدا 28 – ئاپرېل كۈنى پىروتېستانتلارغا ئائىت بىر چېركاۋغا قىلىنغان ھۇجۇمدىمۇ 5 كىشى قازا قىلغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇركىنا فاسودا 2015 – يىلدىن بۇيان داۋاملىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈ زبېرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىدا ۋە ساھېل رايونىدا كۆپ مەيدانغا كېلىدىغان ھۇجۇملار، كېيىنچە دۆلەتنىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىغىمۇ كېڭەيگەن.

رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 400 گە يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

دۆلەتنىڭ 13 – رايونىدىن 17 سىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر