رۇھانى ئىرانلىق سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، دۈشمەنلىرىنىڭ دۆلىتىگە قاراتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملىرىغا «ئىنقىلاب تارىخىدا مىسلىي كۆرۈلمىگەن تولۇق مەنىدىكى بىر ئۇرۇش» دەپ باھا بەردى.

1199646
رۇھانى ئىرانلىق سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تېھراندا سىياسىي پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ھەسەن رۇھانى، ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئىران نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن شارائىتنىڭ 1980 – 1988 – يىللىرىدىكى ئىران – ئىراق ئۇرۇشىدىن ياخشىراق ياكى يامانراق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، «ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىمپورت، ئېكسپورت، نېفىت سېتىشى ۋە بېلىقچىلىق ساھەلىرىدە مەسىلىمىز يوق ئىدى. ئېمبارگولار پەقەت قورال سېتىۋېلىش بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئىدى» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىنىڭ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق ئەھۋالدا بارلىق ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، «دۈشمەنلەرنىڭ ئىرانغا قاراتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملىرى ئىنقىلاب تارىخىدا مىسلىي كۆرۈلمىگەن بىر ئۇرۇشتۇر. دۈشمەننىڭ بانكىچىلىك ساھەسىگە قويغان چەكلىمىلىرى نېفىت، نېفىتخىمىيە، پولات ۋە يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پىرېزىدېنت رۇھانى، خەلقنىڭ ساقلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى بارلىقىنى، بىراق، مەسىلىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىيلا ئەمەسلىكىنى ۋە مەسىلىنىڭ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، دۆلەتتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئۈچۈن، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى، 2018 – يىلى مايدا يادرو كېلىشىمىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنىپ چىقىپ، ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر