بېلگىيەدە 2018 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامنىڭ نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

بېلگىيەدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەھەللىي سايلام نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

1199647
بېلگىيەدە 2018 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلامنىڭ نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ بىلزېن شەھىرىدە 2018 – يىلى 14 – ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن مەھەللىي سايلامنىڭ بېلەت ساناش جەريانىدا خاتالىق سادىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن سايلام قايتىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بېلگىيە يۇقىرى سوتى، لىمبۇرگ ئۆلكىسىنىڭ بىلزېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ئاخىرقى مەھەللىي سايلام نەتىجىلىرىنى بېلەت ساناشتا خاتالىق سادىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇردى.

«يېشىلار پارتىيەسى» ۋە بىلزېندىكى بىر مەھەللىي پارتىيە، ئاۋاز بېلەتلىرىنى ساناش جەريانىدا خاتالىق سادىر قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2018 – يىلى 14 – ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن مەھەللىي سايلامنىڭ نەتىجىلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەنىدى.

يۇقىرى سوت، مەزكۇر ئىككى پارتىيەنىڭ ئېتىرازلىرىنى ئورۇنلۇق دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن، 16 – ئىيۇندا سايلامنىڭ قايتىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى قارار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر