ب د ت مالايشىيانى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئەزالىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، مالايشىيانى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئەزالىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدۇ.

1198068
ب د ت مالايشىيانى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئەزالىرى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن ئاي ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇش خىتابنامىسى ئورنىدىكى رىم سالاھىيىتىنى ئىمزالاشتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن، ب د ت نىڭ مالايشىيانى «رىم سالاھىيىتىنى ماقۇللىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتە 29 – ئاپرېلدا ب د ت غا مەكتۇپ يوللانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «30 – ئاپرېلدىكى پارلامېنت يىغىنىدا مالايشىيانىڭ رىم سالاھىيىتىدىن چېكىنىش مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى. ب د ت، تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنىڭ تاماملىنىشى بىلەن تەڭ مالايشىيانى سالاھىيەت ھۆججىتىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مالايشىيا ھۆكۈمىتى، 5 – مارتتا رىم سالاھىيىتى ھۆججىتىگە ئىمزا قويغانلىقىنى جاكارلاش ئارقىلىق خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ 124 – ئەزاسى بولغانىدى.

قاراردىن كېيىن جوخار ئۆلكىسى پادىشاھى سۇلتان ئىبراھىم، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولۇشنىڭ مالايشىيا پادىشاھلىقىنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولۇش مەسىلىسى توغرىسىدا پادىشاھلىق بىلەن كېڭەشمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندىى.

جوخار پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنىڭ مالايشىيادا سىياسىي بەس – مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلىشىدىن كېيىن، باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەد 5 – ئاپرېلدا بايانات بېرىپ، مالايشىيانىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولۇش قارارىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر