ئەنگلىيە رۇسىيە ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىدلىبكە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جېرېمى ھانت رۇسىيە ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىدلىبكە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ھەم ئەنقەرە – موسكۋا كېلىشىمىنى ھەم رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1197577
ئەنگلىيە رۇسىيە ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىدلىبكە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھانت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، رۇسىيە ۋە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىدلىبكە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشىنىڭ تولىمۇ ئەندىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، يېقىنقى 7 ئاي ئىچىدە تۇنجى قېتىم ۋارىل بومبىلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى، مەكتەپلەر ۋە دوختۇرخانىلار، ھەتتا جىددىي  قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئونلارچە پۇقرانىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە 150 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان بۇ ھۇجۇملارنى  قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىلەن  تۈركىيە ھاسىل قىلغان كېلىشىمنى ئوچۇق - ئاشكارا  ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ ھۇجۇملار، ئىدلىبتىكى قورقۇنۇچلۇق ئىنسانىي تىراگېدىيەنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتمەكتە. رۇسىيە ۋە سۈرىيە ئارمىيەسى <سوچى كېلىشىمى> ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيەدە كەلگۈسىدە خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىشكە قارىتا ئەڭ تېز ۋە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىم.»

سۈرىيە ئارمىيەسى تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە 2018 – يىلى 17 – سېنتەبىر كۈنى ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە قارىماي، «<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» دىكى ھۇجۇملار داۋاملاشماقتا.

«<ئىدلىب> سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى» نىڭ چېگرالىرى ئىچىدىكى پۇقراۋى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە يېقىنقى 5 كۈن ئىچىدە قىلىنغان ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 82 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر