پومپېيونىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1196802
پومپېيونىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايك پومپېيو زىيارىتىنى «جىددىي ئەھۋاللار» يۈزىسىدىن ئەمەلدىن قالدۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، زىيارەت باشقا بىر چاغدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

مايك پومپېيونىڭ بۈگۈن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشۈشى پىلانلىنىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر