قاتار ئامېرىكا – تالىبان سۆھبىتىگە ساھىبخانىلىق قىلدى

قاتار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى سۆھبەت باسقۇچىغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

1194648
قاتار ئامېرىكا – تالىبان سۆھبىتىگە ساھىبخانىلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا چارشەنبە كۈنى پايتەخت دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن  ۋە ئىلگىرىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىغان سۆھبەت باسقۇچى، ئافغانىستاندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنى نىشان قىلىدىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تەرەپلەر سۆھبەتتە، ئاخىرقى ئىككى قېتىملىق مۇزاكىرىلەردە بېكىتىلگەن، «چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى» ۋە «ئافغانىستان زېمىنىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياكى باشقا بىر دۆلەتكە قارشى ئىشلىتىلمەسلىكى» مەزمۇن قىلىنغان «رامكا كېلىشىمى» ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

قاتار ئاخىرقى قېتىملىق مۇزاكىرىلەرنى، «ئافغانىستان مەسىلىسى توغرۇلۇق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىكى مۇھىم ئۆزگىرىش» دەپ ئاتىغان، ھەمدە سۆھبەتنىڭ نەتىجىسنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد، تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ قاتاردا قايتىدىن باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

تالىبان، ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد بىلەن ئۇدا بەش قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر