ياپونىيە ئىمپېراتورى تەختتىن چۈشتى

ياپونىيە ئىمپېراتورى ئاكىخىتو تەختتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1192644
ياپونىيە ئىمپېراتورى تەختتىن چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە ئىمپېراتور ئاكىخىتو تەختتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ياپونىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى كىيوتودا ئورۇن ئالغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، ئىمپېراتور ئاكىخىتونىڭ خان سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مۇراسىمىدا تەختتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىمپېراتور ئاكىخىتو 30 يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە ئۆزىنى قوللىغان ياپونىيە خەلقىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىمپېراتورلۇق ۋەزىپىسىنى خەلققە چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆتىدىم، شۇڭلاشقا ئۆزۈمنى تولىمۇ تەلەيلىك ھېس قىلىمەن.»

دۆلەت مۇراسىمىغا باش ۋەزىر شىزو ئابې، ياپونىيە پارلامېنت مەسئۇللىرى، مىنىستىرلار، ئالىي سوت مەھكىمىسى مەسئۇللىرى ۋە خان جەمەتى ئەزالىرى بولۇپ جەمئىي 300 مېھمان قاتناشتى.

مۇراسىمدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن شىنزو ئابې، ئىمپېراتور ئاكىخىتونىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسى دائىم خەلق بىلەن ئورتاقلىشىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

85 ياشلىق ئىمپېراتور ئاكىخىتو تەختنى 59 ياشلىق ئوغلى شاھزادە نارۇھىتوغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، شاھزادە نارۇھىتو ئەتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋۋېلىش مۇراسىمىدا ئىمپېراتورلۇقنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدىغان مۇقەددەس قىلىچ ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئاتىسىدىن تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.


 


خەتكۈچ: #ياپونىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر