ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي ئافغانىستاندىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد، ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە خەلقئارادا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، رايون خاراكتېرلىك يارىشىشنىڭ تېخى كۈچكە ئىگە قىلىنالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1192006
ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي ئافغانىستاندىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زالماي خەلىلزاد، بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش توغرىسىدا ياۋروپا، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈمىد بېغىشلىغۇچى ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش جەھەتتە ئاز بولسىمۇ ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن خەلىلزاد، تالىبان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش توغرىسىدا پات يېقىندا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ئافغانىستاندا تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە خەلقئارادا بىردەكلىك ئورنىتىلغانلىقىنى، بىراق، رايون خاراكتېرلىك يارىشىشنىڭ تېخى كاپالەتكە ئىگە قىلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تالىبان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئافغانىستاندا ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ» دېدى.

زالماي خەلىلزاد، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشنىڭ ئەمەس، تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر