سىرى لانكادا ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغان ھەر خىل كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەندى

سىرى لانكا ھۆكۈمىتى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغان ھەر خىل كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلىدى.

1191530
سىرى لانكادا ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغان ھەر خىل كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىرى لانكا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغان قارا رەڭلىك كىيىملەرنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پۇقرالارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈزىنى يېپىۋالىدىغان ۋە بىخەتەرلىك خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ھەر خىل كىيىملەرنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مەزكۇر چەكلىمىنىڭ، ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغان كىيىم-كېچەكلەرگە قويۇلغان چەكلىمە، بۈگۈن (29-ئاپرېل) دىن باشلاپ ئىجرا قىلىندى.

21-ئاپرېل (يەكشەنبە) سىرى لانكادا خىرىستىيانلارنىڭ پاسكال بايرىمى مەزگىلىدە پايتەخت كولومبودىكى چېركاۋ ۋە مېھمانخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز نۇقتىدا، تېررورلۇق بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن ئىدى. سىرى لانكا دائىرىلىرى ھۇجۇملاردا 253 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ھۇجۇمغا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر