سىرى لانكىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانچە ئاشماقتا

سىرى لانكىدا چېركاۋ ۋە مېھمانسارايلارغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 359غا چىقتى.

1188709
سىرى لانكىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانچە ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىرى لانكىدا پاسخالىيا بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان ئەسنادا چېركاۋ ۋە مېھمانسارايلارغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 359غا چىقتى.

سىرى لانكا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى رۇۋان گۇناسېكارا تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاسخالىيا مۇراسىملىرى ئەسناسىدا چېركاۋ ۋە مېھمانسارايلارغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتچى گۇناسېكارا ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 359غا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە تۈنۈگۈن كېچە 18گۇماندارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان باياناتچى رۇۋان گۇناسېكارا، ھازىرغىچە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا چېتىشلىقى بارلىقىدىن گۇمان قىلىنغان 58 شەخسنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇتقۇن قىلىنغان گۇماندارلارنىڭ كىملىك ۋە قايسى دۆلەتكە تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن گۇناسېكارا، تۈنۈگۈن تۇتقۇن قىلىنغان 40 كىشىنىڭ سىرى لانكىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

سىرى لانكىدا 21-ئاپرېل ئەتىگەندە كوچچىكادېدىكى ئانتونى، كاتانادىدكى سېباستىيان ۋە باتتىكالودادىكى مەريەم ئانا قاتارلىق چېركاۋلار بىلەن پايتەخت كولومبودىكى بەش يۇلتۇزلۇق شاڭرىلىلا، كىننامون گراند ۋە كىڭسبۇرى قاتارلىق مېھمانخانىلارغا  ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانىدى.

تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن پايتەخت كولومبونىڭ دېھىۋالا رايونىدىكى بىر مېھمان كۈتۈش ئورنى بىلەن دېماتوگودىكى بىر كۆۋرۈككە يېقىن جايدىمۇ پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەنىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 359 ئادەم ئۆلۈپ 500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈستىگە ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر