ئەرەب ئىتتىپاقى پەلەستىننىڭ مەنپەئەتىگە زىت ھەر قانداق كېلىشىمگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە يىغىن چاقىرغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پەلەستىننىڭ مەنپەئەتىگە زىت ھەر قانداق كېلىشىمگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1187716
ئەرەب ئىتتىپاقى پەلەستىننىڭ مەنپەئەتىگە زىت ھەر قانداق كېلىشىمگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا زىت ھەر قانداق تىنچلىق كېلىشىمىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىدە چاقىرىلغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئالاھىدە يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ئەسىرلىك كېلىشىم»پىلانى توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلدى: «بۇنداق پىلانلار پەلەستىن خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا بولۇشىغا خىزمەت قىلالمايدۇ.»

ئورتاق باياناتتا يەنە 1967-يىلى 4-ئىيۇندا بېكىتىلگەن چېگرالار دائىرىسىدە پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش، مۇساپىرلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى، زىيانلارنى تۆلەش، ئەرەب تىنچلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىدىن بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ئورتاق باياناتتا پەلەستىندىكى ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەر پەلەستىن مىقىياسىدا بىرلىك بەرپا قىلىش، ھۆكۈمەتنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىنى قوللاش ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىلدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىرى پەلەستىننىڭ تەلىپىگە بىنائەن، پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ئەسىرلىك كېلىشىمى»پىلانى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرغان بولۇپ، يىغىنغا پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر