پاراشوتلۇق قىسىم دائېشقا زەربە بەردى

ئىراقنىڭ ئەنبار ۋىلايىتىگە قاراشلىق چۆللۈك رايوندا ئىراق ئارمىيەسى پاراشوت ئەترىتى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا 2 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1182513
پاراشوتلۇق قىسىم دائېشقا زەربە بەردى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنبار ۋىلايىتى ساقچى ئىدارىسى باشلىقى مۇئاۋىن گېنېرال ھادى زۇرەيج قەسسار ئەنبارنىڭ غەربىدىكى ھۇسەينىيات رايونىدا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭمۇ ياردەم قىلىشى بىلەن ئالاھىدە ساقچى قىسىمنىڭ تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.

قەسسار رايونغا پاراشوت بىلەن چۈشكەن بىخەتەرلىكنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى، بەدىنىگە بومبا تېڭىۋالغان 2 نەپەر ئادەم بومبا تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قەسسار تېررورچىلارنىڭ قورال ياراقلىرىنىڭمۇ قولغا چۈرۈشۈلگەنلىكىنى ھەمدە چۆل رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر ھەرىكەتتە ئىزدەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 3 نەپەر تېررورچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق ھۆكۈمىتى 2017يىلىنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قولىدىكى ئىراق زېمىنىنىڭ تولۇق تارتىپ ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىراقنىڭ غەربىدىكى سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئەنبار ۋىلايىتىگە قاراشلىق چۆللۈك رايون، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قىسمەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان رايونى دەپمۇ بىلىنىدۇ.

 


خەتكۈچ: #دائېش , #ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر