ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇدان كىرىزىسى ئۈستىدە توختالدى

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى مۇستاپا فاقى مۇھەممەد سۇدان كىرىزىسىگە ئارمىيەنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1182126
ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇدان كىرىزىسى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى مۇستاپا فاقى مۇھەممەد، سۇداننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۇداندىكى سىياسىي كىرىزىسكە ئارمىيەنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇستاپا فاقى مۇھەممەد بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۇداندا پارلامېنتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى، ئىككى يىللىق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى، ئاساسىي قانۇننىڭ ئىناۋەتلىك كۈچىنىڭمۇ يوق قىلىنغانلىقىنى ، ھەتتا پىرېزىدېنت ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇداندىكى سىياسىي كىرىزىسقا دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئارىلىشىشىنى توغرا تاپمايدۇ»دېگەن مۇھەممەد، ئاساسىي قانۇنغا زىت ھالدا قۇرۇلغان ھۆكۈمەتلەرنى تەنقىد قىلىشنى مەزمۇن قىلغان لوم خىتابنامىسىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

مۇھەممەد ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قاراشلىق تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېز سۈرئەتتە يىغىن چاقىرىپ، سۇداننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە مۇۋاپىق قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشمۇ قاتتىق ئەيىبلىنىدىغان لوم خىتابنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەربىي –سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن دۆلەتلەردە ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ بولغۇچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىقى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلىدۇ.

سۇدان مۇداپىئە مىنىستىرى ئاۋاد بىن ئاۋف تۈنۈگۈن دۆلەت تېلېۋىزىيە قانلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 2 يىللىق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر