«ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىم ئارقىلىق ئايرىلىشىغا ئىشىنىمەن»

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي دۆلىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېلىشىم ئارقىلىق ئايرىلىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1181607
«ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىم ئارقىلىق ئايرىلىشىغا ئىشىنىمەن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ۋاقتى 31 – ئۆكتەبىرگە كېچىكتۈرۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنىڭ 31 – ئۆكتەبىردىن بۇرۇن ئىشقا ئېشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ۋاقتىنىڭ ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە كېچىكتۈرۈلۈشىنى قوبۇل قىلدىم، دۆلىتىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېلىشىم ئارقىلىق ئايرىلىشىغا ئىشىنىمەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە پارلامېنتى دۆلىتىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 31 – ئۆكتەبىردىن بۇرۇن ئايرىلىش توغرۇلۇق قارار ماقۇللىغان تەقدىردە، بۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. دەرۋەقە، بۇنى تەلەپ قىلغان تەرەپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدۇر. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ماي ئېيىىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى ئىچىدە ئايرىلىشىنى پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزەلىسەك، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سايلاملىرىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولۇپ قالمايمىز، چۈنكى بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 1 – ئىيۇن شەنبە كۈنى ئايرىلىمىز. ئەنگلىيە تاكى ئايرىلغانغا قەدەر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى بارلىق ھەق – ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ پىلان بويىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 29 – مارت كۈنى ئايرىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبچىسى ئەنگلىيە  پارلامېنتىدۇر.  مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قارارنامىسىنى ئۇدا ئۈچ قېتىم قوللاپ ئاۋاز بەردىم، ئەمما پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى.»

ئۇ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن  پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر