بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېتانياھۇنى ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى ئاگاھلاندۇردى.

1179977
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېتانياھۇنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىر: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ، قايتىدىن باش مىنىستىرلىققا سايلانغان تەقدىردە، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان قانۇنسىز يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرىنى ئىسرائىلىيە تېرروتېرىيەسىگە قوشۇش تەرىقىسىدىكى باياناتلىرىغا ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىغا قارىتا پوزىتسىيەسى ئۆزگەرگىنى يوق. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىگە قارىتا كەسكىن پوزىتسىيەمىزنى بىلدۈردۇق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پوزىتسىيەسىمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ئومۇمىي كېڭەشنىڭ قارارلىرىغا ئاساسلىنىدۇ. بىزگە نىسبەتەن بارلىق يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەم قانۇنسىز بولۇپ، ئاللىقاچان سۆھبەت ئارقىلىق بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم چارىسىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە.»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ سايلاملاردا غەلىبە قىلغان  ۋە قايتىدىن باش مىنىستىرلىققا سايلانغان تەقدىردە، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرىنى ئىسرائىلىيە تېرروتېرىيەسىگە قوشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر