سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى يەمەندە 5 قىزنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1178684
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى شىئە ھۇسىيلارنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى پايتەخت سەنئانىڭ شەرقىگە جايلاشقان ساۋان رايونىنى بومباردىمان قىلىپ، 5 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، 34 ئادەمنى يارىلاندۇردى.

خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىگەن شىئە ھۇسىيلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ پايتەخت سەنئانىڭ شەرقىگە جايلاشقان ساۋان رايونىدىكى بىر مەكتەپكە يېقىن جاينى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى بومباردىماندا 5 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈپ 34 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

شاھىتلار ھۇجۇمنىڭ مەكتەپكە يېقىن جايدىكى بىر پىلاستىك زاۋۇتىغا قىلىنغانلىقىنى ، بومباردىماندىن كېيىن پارتلاش مەيدانغا كەلگەنلىىكنى بىلدۈرۈشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى  خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىنىڭ شىئە ھۇسىيلار تەرىپىدىن ھەربىي بازا قىلىپ ئىشلىتىلگەن جاينى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىققا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان يەمەندە، شىئە ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا ۋە بەزى رايونلارنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملار بولسا 2015-يىلى مارتتىن بۇيان شىئە ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر