ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسمى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسمىنى " تېررورلۇق تەشكىلاتى" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1178370
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسمى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسمىنى "چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى" دەپ ئېلان قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ۋول سترېت گېزىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تۈركۈم ئامېرىكالىق مەسئۇللارنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران ئارمىيەسىگە تەۋە ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسمىنى كېلەر ھەپتە چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار مەزكۇر قارارنىڭ نەچچە ئايلىق مۇزاكىرە نەتىجىسىدە چىقىرىلغانلىقىنى ۋە مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيېونىڭ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسىمى تەرىپىدىن ياۋروپا ۋە باشقا رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سودا پائالىيەتلىرىگە توسالغۇ بولۇشنى مەزمۇن قىلىدىغان بۇ قارارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ياقلىغۇچىلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن مەسئۇللار، پېنتاگون ۋە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال جوسىف دۇنفوردنىڭ رايوندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مەزكۇر قارارغا نارازى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشتى.

مەسئۇللار يەنە ئامېرىكا ئىستىخبارات تەشكىلاتى مەسئۇللىرىنىڭمۇ مەزكۇر قارارغا ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكىنى قەيت قىلىشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تېررورىزمغا زەربە بېرىش باشقارمىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاسون بلازاكىس، بۇ قارارنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

بلازاكىس قارار رەسمىي تەستىقتىن ئۆتۈپ قالسا، ئامېرىكانىڭ تۇنجى قېتىم چەت بىر دۆلەتكە قاراشلىق رەسمىي بىر ئورگاننى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىراندا 1979-يىلدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن ئىران ئارمىيەسىدىن مۇستەقىل ھالدا ئىراندىكى ھاكىمىيەتنى قوغداش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسىمى نۆۋەتتىكى ئەمەلىي كۈچى بىلەن  ئىران تاشقى سىياسىتىنى، ئىراننىڭ كىرىم مەنبەلىرىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك خامچوتلىرىنى كونترول قىلماقتا.

ئىراننىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا لايىھەلىرىگە ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك پىروگراممىلارمۇ بۇ قىسىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا.

ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى ھازىرغىچە ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچى قىسمى بىلەن ئالاقىسى بولغان ئونلارچە شەخس ۋە ئورگاننى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن، بۇ قىسىمنىڭ ھەممىسىگە ئالاقىدار قارار چىقىرىپ باقمىغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر