سىربىيە ۋە قاراداغدا ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

سىربىيە ۋە قاراداغدا ھۆكۈمەتكە، پىرېزىدېنتقا، پارلامېنت باشلىقىغا ۋە تەپتىش ئەمەلدارلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1178399
سىربىيە ۋە قاراداغدا ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىربىيە ۋە قاراداغدا ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا مىڭلارچە ئادەم ئىشتىراك قىلدى.

سىربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتا "5 مىليوندىن پەقەت بىرلا"نامى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارغا قاتناشقان مىڭلارچە كىشى، تەلەپلىرىنىڭ ئورۇندىلىشى ئۈچۈن بېرىلگەن مۆھلەتنىڭ 13-ئاپرېلدا توشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ ھەپتە 18-قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقانلار، سىربىيە خەلقىنى 13-ئاپرېلدا پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىشقا قاتنىشىشقا چاقىردى.

پىرېزىدېنت ئالېكساندار ۋۇكىكنىڭ بېرىلگەن مۇددەت توشقان ھامان "ئىشىنىڭ تۈگەيدىغانلىقى"نى بىلدۈرۈشكەن نامايىشچىلار، "ۋۇكىك سەن داۋالانغىن، ۋۇكىك سېنىڭ ئىشىڭ تۈگىدى"دېگەن مەزمۇندا شوئارلار توۋلاشتى.

ئۆتكەن يىلى دېكابىردىن باشلاپ ھەر شەنبە كۈنى پايتەخت بېلگراد بولۇپ نۇرغۇن شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان نامايىشچىلار ھۆكۈمەت، پىرېزىدېنت، پارلامېنت باشلىقى ۋە باش مىنىستىر قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

قاراداغنىڭ پايتەختى پودگورىكادىمۇ "قارشىلىق كۆرسەتكىن 97000 ھەرىكىتى"تەرىپىدىن بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 3000 كىشى قاتناشتى.

پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ تەشكۈچىللىرى كېلەر ھەپتە باشقا شەھەرلەردىمۇ نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

8 ھەپتە ئىلگىرى باشلىغان نامايىشلارغا قاتناشقان نامايىشچىلار، پىرېزىدېنت مىلو دىجۇكانوۋىك بىلەن باش مىنىستىر دۇسكو ماركوۋىكتىن سىرت باش تەپتىش ئىۋىكا سىتانكوۋىك، تەشكىللىك جىنايىي ئىشلارغا زەربە بېرىشقا مەسئۇل ئالاھىدە تەپتىش مىلىۋوكى كاتنىك، چىرىكلىككە زەربە بېرىش ئاگېنتلىقى باشلىقى دىراگان رادونجىك قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭمۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلىشتى.


خەتكۈچ: #نامايىش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر